Hulase - Rejez/Young-Flow.mp3
能正常播放的歌曲才可以下载
[00:00.000] 作词 : Rejez[00:01.000] 作曲 : Young-Flow[00:11.411]混音:Mr.Perman[00:16.661]ھاياتقا بېغىشلاپ،[00:18.660]يازغىدەك داستان قالمىدى،[00:20.161]داستان قالمىدى.[00:22.161]يازغىدەك داستان قالمىدى![00:25.660]ھاياتتىن ھەيران قالغۇدەك تېرەك-بوستان،[00:27.410]بوستان قالمىدى،[00:29.410]بوستان قالمىدى.[00:46.410]بەلكىم تارتقىنىم پىشانەمگە بولغىنىدۇر نىسىپ، ئېي[00:50.660]ھاياتىم ئالداپ كەتتى كۈلۈپ تۇرۇپ كۆزىنى قىسىپ، ئېي[00:52.658]قەھرىمنىڭ ئوتىنى ئىچىمگە بېسىپ،[00:54.159]سەۋرىمنىڭ تاقىتىنى بوينۇمغا ئېسىپ،[00:56.158]قىل بىلەن باغلاق بوينۇمنى سۈكۈتتە كېسىپ،[00:59.158]بىر مەھەل تىرەجەپ ، ئەمما ئورنىغا كەلمىدى ۋاي ئىسىت.[01:02.409]خۇشلۇق سەھىرىنى كۆرمەي، ئاسمىنىمغا پىغانلىق تۈن چۈشتى،[01:06.159]شۇندىن خەندانغا تەشنا روھىم روھسىز ھالەتتە دۈم چۈشتى،[01:09.907]بوغۇزۇم زەقۇمنى يۈتكەندەك، پەس كويدا ئىچىمگە ئۈن چۈشتى،[01:13.659]ئەمدىلا تۈنگە كۆنگەندەك بولسام بېشىمغا قايناپ كۈن چۈشتى.[01:18.407]ئۆلمۈدۈم ئەمما ئۆلگىلى تاس قالدىم، ئېي...[01:22.157]بىتەلەي قىسمەت قاتىرىغا تاسقالدىم!ئېي...[01:25.158]چىقالماي ئۇشبۇ ئازگالدىن،[01:26.407]يەرگە چۈشكەندەك بولدۇم ئاسماندىن،[01:28.407]ئالدىرماي يەرنىڭ تېگىگىمۇ ئاز قالدىم![01:32.657]خۇددى ساناقسىز مەۋجۇدات ئارا دۇچارلىق بولغىنى مەن بىر ساناقلىق،[01:33.657]ئىستىدىم پاناھلىق،[01:35.656]لىك مەن يەنىلا دەردىمگە قاماقلىق،[01:37.906]لەختە باغرىم تەسەللىي يىپىدا ياماقلىق،[01:39.656]ئۆكسۈدۈم يۈرۈگۈم بولغاچقا قاناقلىق،[01:41.656]ئىچىمدىن يىغلىدىم ئۈنسىز تاراملىق،[01:43.407]بىلمىدىڭ، نەم بولمىغاچ كۆز چانىقىم لىق![01:45.156]ھاياتقا بېغىشلاپ،[01:47.157]يازغىدەك داستان قالمىدى،[01:48.656]داستان قالمىدى،[01:51.156]يازغىدەك داستان قالمىدى![01:54.156]ھاياتتىن ھەيران قالغۇدەك تېرەك-بوستان،[01:55.906]بوستان قالمىدى،[01:58.156]بوستان قالمىدى.[02:14.905]كۆڭلۈمنىڭ كۆزىگە قاراپ باق سىنچىلاپ،[02:16.905]ياش بارمىكەن سىرغىغان تامچىلاپ،[02:20.655]ئويلىماي دېدىميۇ ئەمما تەقدىر ئېسىمگە سالدى دەرد بىلەن قامچىلاپ،[02:22.654]مەن ئېي چىدىدىم قانچىلاپ؟[02:24.154]يالغاندىن ئۇخلىدىم يانچىلاپ،[02:27.904]ئەمما ، ئاغىنەم تەقدىر ئويغىتار ئەنسىز يارامنى كوچىلاپ.[02:31.653]سوغۇققان باللىتۇق بىر زامان ، باغرىم ئەمدى پاراقشىپ قاينىدى،[02:35.403]قارىماققا تۇرغاندەك ئامان، ئەمما ئىچىمدە پىغانىم ئاينىدى،[02:38.903]شېخىمنىڭ تەختىنى كۆرگەندە قىسمەت پۇتاپ ئېي غولىدىن قايرىدى،[02:42.653]ئۆيۈمنىڭ بەختىگە چىدىماي ئاتامدىن مەزلۇم ئانامنى ئايرىدى.[02:44.404]ئەمما مەن ئامالسىز،[02:46.152]ياكى ئۆلمۈدۈم بولۇپ ئامانسىز.[02:47.902]كۈنۈم ئەمەس قايغۇ قامالسىز،[02:49.652]شۇ ئىسكەنجىدە مەن يارامسىز،[02:52.902]يۈرۈكۈم سوقماسكى بىرەر كۈن چىگىلگەن ھەسرەت تانامسىز،[02:57.402]مۇھىمى 8يىلنى ئۆتكۈزدۈم 8كىلومېتىر يىراقتىكى ئانامسىز.[03:00.902]دەردىمنى تۆكتۈم ئەمما يوقتۇر داۋاغا ھېچ بىر نەرسە،[03:04.651]دەردىم يەتمىگەندەك دەردىم داۋاملىق ئۆرلەپ ئاشتى ھەسسە،[03:08.402]مۇھىمى كۆڭلۈم بىلەن دەردىم ئارىسىدا يوق مۇرەسسە،[03:12.152]شۇندىن ئۇشبۇ نىدا ھاياتىم بەتلىرىدىن خۇلاسە.[03:13.901]ھاياتقا بېغىشلاپ،[03:15.901]يازغىدەك داستان قالمىدى،[03:17.651]داستان قالمىدى.[03:19.651]يازغىدەك داستان قالمىدى![03:23.401]ھاياتتىن ھەيران قالغۇدەك تېرەك-بوستان،[03:25.401]بوستان قالمىدى،[03:41.650]بوستان قالمىدى.
展开